ئىستانسىمىز خەۋىرى، ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تىمۇر» ناملىق جىھادچى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى سانتوسوغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئاشكارىلاندى.
ھىندونوزىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ «فەرۇخ ۋە نۇرەتتىن» ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ ھازىر پالۇدىكى باياڭكارا دوختۇرخانىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسى ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ئۆلكىنىڭ پوسو بازىرى ئەتراپىدىكى تاغلىق ئورماننى بازا قىلغان «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن تىمۇر» گۇرۇھىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا تەشكىلات تەركىبىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ھىندونوزىيە ساقچى دائىرىلىرى ئىستانسىمىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەش خىزمىتىنىڭ تېز راۋاجلانغانلىقىنى، چۈنكى توقۇنۇش جەريانىدا يۇقىرىدىكى جىھادچى تەشكىلاتىنىڭ زىلانى ئىسىملىك بىر ئەزاسىنىڭ تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، زىلانى بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەشكىلاتقا قوشۇلغانلىقىنى، تەشكىلات ئىچىدە يەنە 4 نەپەر ئۇيغۇر بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ھىندونېزىيە ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندونېزىيىگە قانداق كىرگەنلىكىنى ۋە قانداق قىلىپ پوسوغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پوسوغا كېلىش جەريانى، ئۇلارغا كىمنىڭ يولباشچىلىق قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتتىكى رولىنىڭ نېمىلىكىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئەگەر بۇ يەردە رادىكال گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى كىشىلەرنىڭ قېچىپ چىقىپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان تەسىرلەرگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى ھىندونېزىيىدىكى ۋەقەنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ئۇيغۇر مىلىتانتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھىندونېزىيە ۋە شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەقىقىي بىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ھىندونېزىيىدىكى رادىكال تېررورچى گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خەلقئارا تېررور ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشىغا يول ياساپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
