بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئون يىل» ناملىق فىلىم بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان.
مەزكۇر فىلىمدە ئەنگىلىيە ھامىيلىقىدا يۈز يىل تۇرۇپ خەلقئارالىق شەھەرگە ئايلانغان خوڭكوڭنىڭ 2025 - يىلىغا بارغاندا قانداق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كارنىيى ھېسابلانغان «خەلق گېزىتى» نىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، بۇ فىلىمنى «خوڭكوڭ جەمئىيىتىنى ساراسىمگە سالىدىغان ئىدىيەۋىي ۋىرۇس» دەپ تەنقىد قىلغان.
مەلۇمكى، «ئون يىل» ناملىق بۇ فىلىم خوڭكوڭدىكى فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم» تۈرى بويىچە مۇكاپاتلانغان بىردىن - بىر فىلىم ئىكەن. خوڭكوڭدا مەزكۇر فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى بىراقلا يوقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا فىلىم ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغالغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ھەممىسى مەزكۇر فىلىم ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.
