خوڭكوڭ بىلەن ماكاۋ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەشقەردە «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلغان

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 18-سېنتەبىر چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمى خوڭكوڭ بىلەن ماكاۋدىكى 37 نەپەر ئىلغار ئوقۇغۇچىنى «دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتى» گە تەشكىللەپ، قەشقەرگە ئاپارغان. «خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى ئورتاق تەبرىكلەش، خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى بۇ پائالىيەت 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 12 كۈنىگىچە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

«قەشقەرگە ياردەم بېرىش» كە مەسئۇل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پىلانلىغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن يەرلىك بىرلىكسەپ بۆلۈملىرى، شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋە ئاۋمىن ياشلار جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلار بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ پائالىيەتتە، خوڭكوڭلۇق ۋە ماكاۋلىق ئوقۇغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرى بېكىتىپ بەرگەن قەشقەر مۇزېيى، قەشقەر قەدىمىي شەھەرچىسى، خىتايلار «پەنتوچېڭ» دەپ ئاتىۋالغان ئەسكىھىسار قەدىمىي شەھەر خارابىلىكى باغچىسىدا ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلغان. قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تۈمەن دەرياسى بويىغا توغرا كېلىدىغان ئەسكىھىسار خارابىلىكى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «غەربى دىياردىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان يېڭىسار خان ئوردىسى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن ھەمدە «مىلادىيە 73-يىلى بەنچاۋ بۇ يەردە بارگاھ قۇرغان ھەمدە بۇ يەرنى بازا قىلىپ، ھونلارنى تىنجىتىپ، غەربىي دىيارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان» دېيىلگەن. خىتاي ھەتتا بۇ خارابىلىكنىڭ يېنىدىكى يولغا «بەنچاۋ يولى» دەپ نام بەرگەن.

مەزكۇر پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان ئوقۇغۇچىلار قەشقەرنىڭ تارىخىنى بىلگەنلىكىنى، «خىتاي زېمىنىنىڭ بۇنچە كەڭ، مەدەنىيەتلىرىنىڭ بۇنچە مول» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى قايتا چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەردە كۆرۈلگىنىدەك، خىتاي بۇ قېتىم خىتاي كومپارتىيەسى مائارىپىدا تەلىم ئالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا، قەشقەرنى نىشان قىلىپ تاللىغان ھەمدە خىتاي ياشلىرىغا بۇ رايوننىڭ قانداقتۇر «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن مۇستەملىكە تەشۋىقاتىنى سىڭدۈرگەن. ئامېرىكادىكى جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى، جەيمىس مىللۋارد بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ 750-يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە قەدەر بۇ رايوندا ھېچقانداق سىياسىي تەسىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتايلارنىڭ ئىزچىل داۋام قىلغان مىللىي دۆلىتى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.