كانادانىڭ سابىق ۋە ھازىرقى پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سابىق دىپلوماتلىرىدىن بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا خەت يېزىپ، 16 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. مەزكۇر خەت كانادا-خىتاي ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق دىپلوماتىك سۈركىلىش پەيدا قىلغان ھۈسەنجان جېلىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا 16 يىل تولغان بىر ۋاقىتتا يېزىلغان.
كانادادىكى «يەرشارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خەتكە ئىمزا قويغۇچىلار كانادانىڭ ئىرۋىن كوتلېر، ئاللەن روك، پېتېر مېككاي، لاۋرېنس كاننون قاتارلىق تۆت نەپەر سابىق ھۆكۈمەت مىنىستىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. 27-مارت كۈنى يېزىلغان خەتتە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ تەقدىرىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ بۇنىڭدىن 6 يىل ئاۋۋال پۈتۈنلەي كېسىلگەنلىكى، «2016-يىلدىن بېرى ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، ھازىرقى سالاھىيىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچكىمنىڭ خەۋەر ئاڭلاپ باقمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
ھۈسەنجان جېلىل 2006-يىلى ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ئۆزگەرتكەن. 2018-يىلى ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى 20 يىلغا قىسقارتىلغانىدى.
بۇ جەرياندا خىتاي ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغانىدى. «يەرشارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خەتتە ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلگەندە 70 ياشقا يېقىنلىشىدىغانلىقى ۋە كىچىك ئوغلىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھۆكۈمىتىڭىز ھۈسەنجان جېلىلنى داۋاملىق قاماپ…. . ئۇنىڭ ھوقۇقىنى رەت قىلىپ كەلدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمىتىڭىز ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنى، ئاساسى قانۇنى، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆلچەملەردىكى پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، ھەق-ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرگە كۆز يۇمدى» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ لىبېرال پارلامېنت ئەزالىرى ئۆتكەن ھەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانې جولېيدىن ھەسەنجان جېلىلنىڭ دېلوسى ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان.