بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ خىتاي مىقياسىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈزگەن يېڭى ئوقۇشلۇقنى ئىشلىتىدىكەن.
مەزكۇر يېڭى ئوقۇشلۇق خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن 900 نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ قول تىقىشى بىلەن 2012-يىلىدىن باشلاپ تۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بالىلارغا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز تېررىتورىيەسى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن.
خىتاي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تورىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر ئوقۇشلۇققا كىرگۈزۈلگەن 40 تېكىستنىڭ مەزمۇنى خىتاي ئىنقىلاب تارىخىدىكى قەھرىمانلار ۋە تىپىك ھېكايىلەر، خىتاينىڭ تاغ-دەريالىرى شۇنداقلا خىتاي خەلقىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيەسىنى قوغداشتىكى قىزغىنلىقى قاتارلىق تېمىلارغا بېغىشلانغان ئىكەن.
بۇ يېڭى ئوقۇشلۇقتا يەنە خىتاينىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ئېلى، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان «ئىگىلىك ھوقۇقى» نى گەۋدىلەندۈرىدىغان كۆپلىگەن تېكىستلەر يەر ئالغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى ئوقۇشلۇقنى نەشر قىلغان ۋاقتىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.