ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) يېڭى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، ھەتتا تېخى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى» توغرىسىدا يېڭى ئىسپاتلار بارلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 14-يانۋار كۈنى رەسمىي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا يەنە خىتاي يەنە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلدى، دەپ تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ كومىتېت دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن دەرھال ئۇيغۇر ئېلىدا «ۋەھشىيلىكنىڭ سادىر قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىش» تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئادەتتە بۇنداق تەلەپكە 90 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەپ باھالاش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن ۋە كەلگۈسى بايدىن ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقان ئىدى. تېخى بۇ يىل 10-ئايدا ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن بىر قېتىملىق سۆزىدە «رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىنتايىن يېقىن ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ،» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارغا مۇناسىپ ئىسىم قويۇش ھەققىدە كۈچلۈك بېسىم بار ئىكەن. ئەمما بۇنىڭ قاچان نەتىجە بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.