ئىرانغا ھەربىي زاپچاس ساتقان خىتاي سودىگەرگە ئامېرىكىدا جىنايەت ئارتىلدى

ئىرانغا چەكلەنگەن ھەربىي زاپچاس سېتىپ ئامېرىكىنىڭ سودا ئېمبارگوسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي سودىگەرگە رەسمىي جىنايەت ئارتىلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لى فاڭۋېي ئىسىملىك بۇ خىتاي سودىگەر ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قويغان سودا چەكلىمىلىرىدىن ئالدامچىلىق بىلەن ئۆتۈپ، ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرىنى ساتقان. ئۇ شۇ سەۋەبتىن پۇل يۇيۇش ئەتكەسچىلىكى، پۇل پېرېۋوت قىلىش ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى لى قۇرغان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ 7 مىليون دوللار مەبلىغىنى مۇسادىرە قىلغان.

لى فاڭۋېي 2009-يىلى نيۇ-يورك مانخاتتان رايونلۇق سوت تەرىپىدىنمۇ ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، لىنىڭ شىركىتى جازاغا تارتىلغاندىن كېيىن، ئۇ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مەخپىيلەشتۈرگەن ۋە ساختا ئىسىم بىلەن يەنە بىر نەچچە شىركەت قۇرۇپ، ئىران بىلەن سودا قىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

لى نۆۋەتتە خىتايدا سۇقۇنۇپ ياشاۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 5 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.