پائالىيەتچىلەر ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەلىپىنى قويۇشقا چاقىردى

ئىرېلاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يوللاپ، ئىرېلاندىيە رەھبەرلىرىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.

ئىرېلاندىيە مۇخبىرى فىنبار بېرمىڭھام (Finbarr Bermingham) ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر بۇ خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئىرېلاندىيەدە خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا دېموكراتىك ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ: «سىلەر ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقان، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا بۇ مەسىلىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇڭلار؛ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە داۋۇت بىلەن خوڭكوڭلۇق نەشرىياتچى جىممى لەي (Jimmy Lai) قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار» دېگەن.

پائالىيەتچىلەر بۇ خېتىدە يەنە ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى، بولۇپمۇ سودىنى، مەنپەئەتنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىۋەتمەسلىكنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەنگلىيەگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندون شەھەر مەركىزىدە، خىتاينىڭ چوڭ كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىشىغا قارشى 4000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنىدى. ئەنگلىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولۇشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلمەكتە.