ئامېرىكا ب د ت دا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مارك كاسايرې 12-مارت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا خىتاينى ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خورلاش، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن شۇنىڭدەك يەنە خىتاينىڭ تىبەتلەرگىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. بۇ ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ب د ت دا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىدۇر.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارك كاسايرې مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خورلاشلىرىنى، شۇنىڭدەك تىبەتتىكى قاتتىق چەكلىمىلىرىنى ئەيىبلەيمىز». يىغىندا يەنە ئەنگلىيە ۋەكىلى جۇلىيان بىرسۋېيتمۇ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «بىز شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت كونترولىغا دائىر ئىشەنچلىك دوكلاتلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چېن شۇ كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ئۇ شىنجاڭنى تىلغا ئالمىغان.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ئۆزىنى «قەشقەرلىك دېھقان» دەپ تونۇشتۇرغان رەناگۈل خۇدابەردى ئىسىملىك بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنى ب د ت يىغىنىدا سۆزلەتكەن. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ 3 پەرزەنتى بارلىقى، «دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە سۈپەتلىك تەربىيەلەش» نى ئالغا سۈرۈۋاتقانلىقى، بالىلىرىنىڭ ھەقسىز مائارىپتىن بەھرمەن بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى پىلانلىق تۇغۇت، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاقلىغان.