ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاۋلو فورمېنتىن ئىتالىيە پارلامېنتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۇ 24-مارت كۈنى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىغا ئائىت ئاشكارىلانغان نۇرغۇن ئىسپاتلارنىڭ ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن تەبىرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىتالىيەنىڭمۇ بۇ زۇلۇمغا قاراپ تۇرماسلىقى ۋە ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاۋلو فورمېنتىن پارلامېنتتىكى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كەسپداشلىرىغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنىمۇ قاتتىق تەنقىدلىگەن ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغۇسىز، دەپ كۆرسەتكەن. ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى پاۋلو فورمېنتىن خىتاي مەسىلىسى بويىچە پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭمۇ ئەزاسى ئىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ تونىدى.