كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو ۋولكېسۋاگىننىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سورۈشتۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.29

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى-ۋولكېسۋاگېننىڭ پرېزىدېنتى خېربېرت دىئېسكە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سۈرۈشتۈرگەن. رۇبىيو خېتىدە ۋولكېسۋاگېننىڭ خۇايۈ كوبالت ۋە چىڭشەن ھەسسىدارلىق گۇرۇھى قاتارلىق ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رۇبىيونىڭ خېتىدە تەكىتلىشىچە، «بۇ ئىككى شىركەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانى بولغان بالىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئىچىگە ئالغان دۇنيا مىقياسىدىكى قورقۇنچلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلغان» ئىكەن.

رۇبىيو خېتىدە خۇايو كوبالت شىركىتىنىڭ كونگودىكى كوبالت قېزىشتا بالا ئىشچىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، چىڭشەن ھەسسىدارلىق گۇرۇھىنىڭ ھىندونېزىيەدە لېتىيۇم ۋە نىكېل كانلىرىنى قېزىشتا يامغۇرلىق ئورمانلارنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنىڭدىن سىرت ۋولكېسۋاگېن يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي گۇرۇپپىلارنى، شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىن پايدىغا ئېرىشىپ كەلدى،» دېگەن.

رۇبىيو خېتىنىڭ ئاخىرىدا خېربېرت دېئىسنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى، ۋولكېسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا قۇل ئەمگىكىنى ئىشلىتىپ باققان-باقمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش پىلانىنىڭ بار-يوقلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.