ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغاندىن باشقا ئىسلام دۇنياسى ئاساسەن سۈكۈتنى تاللىۋالدى. جۈملىدىن پەلەستىن مەسىلىسى ھەمدە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىنغا ئۇچراش مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك 7-يانۋار كۈنى «ئاۋسترالىيەلىكلەر» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇنى: «مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى مۇناپىقلىق» دەپ ئاتىدى.
ئۇ بۇ ھەقتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان تۆت ئامىلنى رەتكە تىزىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى تارىخ ئامىلى بولۇپ، خىتاي ھازىرغىچە ھەرقايسى سورۇنلاردا ئىزچىل ھالدا بۇ رايوننى «قەدىمدىن تارتىپ بىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىمىز» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. گەرچە بۇ «بايانات» تارىخىي پاكىتقا پۈتۈنلەي زىت بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوننى 1949-يىلى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنكى سىياسىي تارىخنى مەزكۇر رايوننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا تەڭلەشتۈرۈۋالغان.
ئىككىنچىسى، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئامىل. خۇددى كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى دەل ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەنسۇپ بولۇشتەك مىللىي، مەدەنىيەت ۋە تىل خاسلىقى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق يوقىتىش نىشانى بولۇپ قالغان. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۇرۇنۇشى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى «مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى» ھەققىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بايانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ «زۇلۇم» چۈشەنچىسىدىكى پەرقمۇ بۇنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى سەۋەب ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي-جۇغراپىيەلىك ئامىل بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونى خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە بېقىندى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادىي كونتروللۇققا مەھكۇم بولغان سىياسىي-جۇغراپىيە ئامىلى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى خىتاينىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇق قىلىپ قويغان.
