چىڭخەي ئۆلكىسىدە 1000 دىن ئارتۇق تاكسى شوپۇرى ئىش تاشلاپ نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.12

خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى گېرمو شەھىرىدىكى 1000 دىن ئارتۇق تاكسى شوپۇرى 11- ۋە 12-نويابىر كۈنلىرى ئىش تاشلاپ نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېڭىدىن تۈزگەن تاكسى شوپۇرلىرى قائىدە-تۈزۈملىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى گېرمو شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر ھۆكۈمەت خادىمى، شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان تاكسى شوپۇرلىرى ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بەزى مەسىلىلەردە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ 13-نويابىر چارشەنبە كۈنى ئىشقا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6-ئاي مەزگىلىدە چىڭخەي دائىرىلىرى چىڭخەيدە تىزىمغا ئالدۇرمىغان «قارا تاكسى» لارنىڭ كۆپىيىپ كېتىپ، قاتناش قالايمىقانچىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

دائىرىلەر يەنە چىڭخەيدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئىنتايىن قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن ئېغىر جەرىمانە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چىڭخەيدىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.