ئىسسىق كۆل ئاستىدىن قەدىمى شەھەر خارابىسى بايقالدى


قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەنىڭ تومسك ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە ئىسسىق كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى سۇ ئاستىدىن قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئىزىنى تاپقان.

«قىر تاگ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە سۇ ئاستىدىكى خارابىدىن كۆپ ساندىكى ئاسارە ئەتىقىلەر تېپىلغان بولۇپ، بۇ جاي ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبى قىرغىقىدىن 2 كىلومېتىر يىراقلىققا توغرا كېلىدىكەن،

ئالىملار سۇ ئاستىدىكى خارابىدىن تېپىلغان بۇيۇملارنىڭ 2 مىڭ 500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

تومسك ئۇنىۋېرسىتېتېتىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترەت باشلىقى دمىترىي گورن بۇ سۇ ئاسىتىدىكى شەھەرنىڭ ئەسلىدە ئىسىق كۆل بويىدىكى يىپەك يولى تۈگىنى ئىكەنلىكى، لېكىن ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن كۆل سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان تارىخچىسى پلوسكىخ، سۇ ئاستىدىكى شەھەر خارابىسىدىن دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملار تېپىلغانلىقى، مىس ۋە تۇچ قوراللار ۋە باشقىلار بارلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىسسىق كۆل بويىدا قەدىمكى دەۋرلەردە پەقەت كۆچمەنلەر مەدەنىيىتى ھۆكۈم سۈرگەن دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، بۇ يەردە قەدىمكى ئولتۇراق مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قىرغىزىستان ئالىملىرى ئىلگىرىلا ئىسسىق كۆل ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن قەدىمكى شەھەر خارابىسى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشقان، ھەتتا بۇ شەھەرنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا گۈللەنگەن ئۇيسۇنلار شەھىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقا ئىدى.

تارىخچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ شىمالى قىسمى بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ بەدەل ئارت تاغ ئېغىزى ئارقىلىق ئىسسىق كۆل بويلىرى ئارىسىدا قەدىمدىنلا زىچ ئالاقە ئورنىتىلگانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.