ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
24-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان جوسېف بوسكو تەرىپىدىن «تۆپىلىك» (The Hill) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ پات ئارىدا جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاينىڭ زومىگەرلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چىڭداۋ پورتى ئارقىلىق بىر قىسىم ھەربىي پاراخوتلىرىنى دېڭىزدا پارات قىلدۇرىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ۋە دۇنياغا ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىدىكەن.
دەل شۇ پەيتتە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ساھىلى مۇداپىئە قىسىملىرىغا تەۋە ئىككى ھەربىي پاراخوتى ئامېرىكان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي دېڭىزدا سەپەر قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزدىكى ھەيۋىسىگە ھەيۋە بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە دېڭىز ساھىلى مۇداپىئە قىسىملىرى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بولىدىكەن. پەقەت ئۇرۇش مەزگىللىرىدىلا ئاندىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىكەن. شۇڭا يۇقىرىقى ئىككى قىسىمغا ئائىت پاراخوتلارنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا قارشى كەسكىن ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىكەن.
ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2001-يىلى گەرچە ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكە دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ دىققىتى پۈتۈنلەي ئوتتۇرا-شەرققە بۇرۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. بىراق يېقىندا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى» دوكلاتىدا «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىلىرى» دەپ كۆرسىتىلگەندىن بېرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قايتىدىن دىققىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرگەن.
ئاپتور جوسېف بوسكو ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا سىرىلانكادا يۈز بەرگەن يېڭى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى غەربنىڭ دىققىتىنى يەنە باشقا تەرەپلەرگە بۇرىۋەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇنداق تارىخى بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ ئەمدى يەنە كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.