چارشەنبە كۈنى گائاگا شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارالىق سوت فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان سۇ تەۋەلىكى شىكايىتىگە قاراپ چىقتى، ئەمما خىتاي تەرەپ مەزكۇر سوتنى بايقۇت قىلدى.
مەزكۇر سوت ھەققىدە دۈشەنبە كۈنى بايانات بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي خەلقئارا «سوت ھۆكۈمىنىڭ ئىناۋەتسىز ۋە قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ« جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت ھۆكۈمى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ھۆكۈم خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان.
بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىشتىكى پاراسېل ئارىلىغا يېقىن جايدا باشلىغان ھەربىي مانېۋىرى شۇ خىلدىكى جىددىيلىشىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر خىل كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا سوتنىڭ نەتىجىسى كېلەر سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا باشلىغان ھەربىي مانېۋىر كېلەر دۈشەنبە كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزىڭنىڭ مۇتلەق كوپ قىسىمنى «ئۆزىنىڭ» دەپ ئېلان قىلىپ، دېڭىزغا تۇتىشىدىغان فىلىپپىن، بىرۇنېي، مالايسىيا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي يەنە سپراتېل ۋە پاراسېل تاقىم ئاراللىرى تەۋەسىگە بىر قىسىم سۈنئىي ئاراللارنى ياسىغان ھەمدە ۋۇدي ئارىلىغا رادار ۋە يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
بۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا خىتاينى مەزكۇر رايوننى ھەربىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان ۋە ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىچىك تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى خىتاي ياسىغان سۈنئىي ئاراللارغا يېقىن جايدىن بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىدى.
خىتاي چارشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «خەلق گېزىتى» دە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى.
ماقالىدە «ئەگەر ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىن يىراق تۇرمايدىكەن بۇنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە داخىلى يەتكۈزىدىغانلىقى» كۆرسىتىلدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.