ئامېرىكا، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىينىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ تۈرمىدىكى جىيەنى چېن كېگۇي توغرۇلۇق سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئۆتكەن يىلى چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىشىگە يول قويغان، لېكىن ئۇنىڭ جىيەنى چېن كېگۇينى قولغا ئالغان ئىدى. دائىرىلەر ئۇنىڭ سالامەتلىكى خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق سىرتتا داۋالىنىشىنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى پاترىك ۋېنترېل چارشەنبە كۈنى ئۇنىڭ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، بىز چېن كېگۇينىڭ تۈرمىدە قوپال مۇئامىلە ئۇچرىغانلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، دېگەن. ئۇ يەنە، جون كەررىينىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش مۇددىئاسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
چېن گۇاڭچېڭ ئۆتكەن يىلى نەزەربەند ئاستىدىن قېچىپ چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان. بۇ ۋەقە ئۆز ۋاتىدا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە دىپلوماتىك كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
چېن گۇاڭچېڭ جىيەنىنىڭ مەسىلىسىگە ب د ت نىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر چېن كېگۇينى دەرھال داۋالىمىسا، ئۇنىڭ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پاترىك ۋېنترېلنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جون كەررىي چېن كېگۇينىڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشنى قارار قىلغان. بىراق ۋېنترېل ئۇنىڭ قاچان سۆزلىشىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
