كانادا خىتايغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى توختاتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.04.18

كانادا خەلقئارالىق تەرەققىيات تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتايغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ توختىتىلىشىدا ئاساسلىق خىتاينىڭ دۇنيادا 2-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلانغانلىقى، ئەمدى بۇنداق بىر ياردەمگە ئېھتىياجى يوقلۇقى سەۋەب بولغان.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر كانادانىڭ بۇ قەدەمنى تاشلاشتا كېچىكىپ قالغانلىقىنى، بۇ ياردەمنىڭ ئاللىبۇرۇن توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كانادا خەلقئارالىق تەرەققىيات تەشكىلاتى كانادا بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئورگان بولۇپ، 1968-يىلى قۇرۇلغان. بۇ ئورگان 1982-يىلىدىن بېرى خىتايغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە قىلىنغان ياردەمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 600 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ پەقەت 2010-يىلدىن 2011-يىلغىچە بىر يىل ئىچىدە خىتايدىكى قانۇن ئورگانلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن قىلغان ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ ئۆزىلا 30 مىليون دوللار.

ئىستانسىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىگە بۇ ھەقتە ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن قانۇن تەتقىقاتچىسى ما جىچياڭ كانادانىڭ قانۇننى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ياردىمىنىڭ ھېچقاچان ئۆز ئورنىغا ئىشلىتىلىپ باقمىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.

دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتىنىڭ كانادا شۆبىسى باشلىقى گاۋ شېڭ كانادانىڭ خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان ۋە ئالىيجاناب بىر ھەرىكەت، دەپ مەدھىيىلىگەن، ئەمما ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان بىلەن ھېچقاچان ئۆز كۈچىنى قانۇننى كۈچەيتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىنى، ئەكسىچە خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىشقا ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.