كانادا بروك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى چارلېز بۇرتون 2 - ئىيۇن كانادا ئاخباراتىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا نۆۋەتتىكى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇ،»يەرشارى مەكتۇپلىرى«گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كانادا زىيارىتىنى 24 سائەتتىن كېيىن جامائەتكە ئاشكارىلىغانلىقى، نۆۋەتتىكى لىبېرال ھۆكۈمەتنىڭ كانادا خەلقىنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىگە قۇلاق سالماي، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ، كانادا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە جامائەتنىڭ پىكرىنى ئالمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئەركىن سودا مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چارلېز بۇرتون:«خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا ھەرگىزمۇ بەدەلسىز بولمايدۇ» دېگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كانادا ئېكسپورتىنىڭ ئاران 4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، شۇڭا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودىدا قىلىدىغان ئىش بەك كۆپ، ئەمما ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كاناداغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان - يەتكۈزمەيدىغانلىقى كېلىشىم مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»
ئۇ يەنە ئاخىرىدا، خىتاي بازىرى كانادا ئېكسپورتىغا تولۇق ئېچىلمىغان شارائىت ئاستىدا، بۇنداق بىر كېلىشىمنىڭ كانادا - خىتاي ئارىسىدىكى سودا قىزىل رەقىمىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
