خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارادا بارغانسېرى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقاندا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېڭىۋاشتىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.
«سادبۇرىي چولپىنى» گېزىتىنىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادا پارلامېنت ئەزاسى گارنېت جىنيەس يېقىندا كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى مەخسۇس كومىتېتتقا خىزمەتكە چۈشكەن. مەزكۇر كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ھۆكۈمەت تورىدا ئېنىق قىلىپ: «خىتاي بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك دىپلوماتىيە كرىزىسى تۈپەيلىدىن بۇ كومىتېت تەشكىل قىلىندى،» دېيىلگەن. گارنېت جىنيەس بۇ جايدىكى خىزمىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «يېقىندىن بۇيان بىز ئاساسىي دىققىتىمىزنى شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئاشۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قارىتىۋاتىمىز،» دېگەن.
گارنېت جىنيەس بۇ ھەقتىكى نۇتقىدا ئېنىق قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىشلار قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق تەبىرلىرىگە تولۇق چۈشىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ: «بىز ئۆزىمىز ئىستېمال قىلىۋاتقان ھەمدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ‹زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى› نىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم،» دېگەن.
