ئامېرىكا كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان

ئامېرىكا كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونسېرۋاتىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بولغان «ئەركىنلىك قوغلىشىدىغان ئامېرىكا ياشلىرى» ئەزالىرى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسى يوقالسۇن»، «شى جىنپىڭ خىتاي خەلقىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان مۇستەبىت!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن بەزىلىرى تاراتقۇلارغا بەرگەن زىيارىتىدە، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق ئىنسانىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى، كوممۇنىست خىتاي ياكى ھەر قانداق ھاكىمىيەتنىڭ بۇ ھوقۇققا چېقىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئىنسانلارنى لاگېرغا قاماپ قۇل قىلغانلىقى، ئاۋازىنى ئۆچۈرگەنلىكى، شۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ نامايىشقا ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە خىتاي دېموكراتلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، دىنىي زاتلار، ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونى بىلەن خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.