خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ تور باشقۇرۇش قانۇنىغا قارشى چىقىشقا چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ چاقىرىقىنى خىتاينىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك دۇنيا تور قۇرۇلتىيىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان.
16-نويابىر باشلانغان قۇرۇلتاي 18-نويابىر ئاخىرلاشقان بولۇپ، قۇرۇلتايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە «تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» نى تەكىتلىگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى روزان رايىف قەلەمگە ئالغان ماقالىدە، «خىتايدا سودا قىلىدىغان غەرب تېخنىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ يېڭى چىقارغان ‹تور بىخەتەرلىك قانۇنى› غا ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ تور ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە شەخسى مەخپىيەتلىككە تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىغا ئورتاق بولۇش-بولماسلىقنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك» دېيىلگەن.
روزان رايىفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىك قانۇنى شەخسى مەخپىيەتلىك ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ ھېچقانداق كاپالىتى يوق ئەھۋالدا، خىتايدىكى غەرب ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنى شەخسى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور سانلىق مەلۇماتنى خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدىكەن.
روزان رايىف يەنە، خىتايدا تور ئەركىنلىكىنىڭ چەك چېگراسىنى تور نازارەتچىلەر بېكىتىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق قول سىياسىي مەيدانى ۋە بۇنىڭغا خىتايدا مۇستەقىل ئەدلىيەنىڭ يوقلۇقى قوشۇلسا، «ئەتە-ئۆگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەيەردە چەك-چېگرا بېكىتىدىغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ» دېگەن.