«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى» گېزىتى 5-فېۋرال كۈنى تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى 31-ئۆكتەبىر كۈنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا چېتىشلىق بولۇش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر كارخانىچى ۋە رېستوران خوجايىنى كېرەم مامۇت ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخشام 20 دىن ئوشۇق تۈرك ساقچىسى ئۇنى ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلغان. كېرەم مامۇت 3 ئاي ئىستانبۇل ۋە ئىزمىر شەھەرلىرىدىكى چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ھېچقانداق سوت قارارىسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 25-يانۋار كۈنى تۇيۇقسىزلا شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن.
كېرەم مامۇت، يەنى جەمئىيەتتە كېرەم ئاتۇش دەپ تونۇلغان بۇ كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 3 ئاي جەريانىدا سوراقچىلار ئۇنىڭدىن داۋاملىق خىتايغا قايتۇرۇلۇشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورىغان. دەسلەپتە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ بەلكىم بىر ئۇقۇشماسلىقتىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇن ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا خىتاينىڭ قولى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلىرى كۈچەيگەن.
كېرەم مامۇتنىڭ ئادۋوكاتى لوكمان ئاكچايمۇ مۇخبىرغا بۇ داۋانىڭ «تولىمۇ سىرلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، «ھازىرغىچە ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا ئائىت كونكرېت بىر ئىسپات كۆرسىتىلىپ باقمىدى» دېگەن.
ئىستانسىمىز يېقىندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا كېرەم مامۇت قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان «مىراج» رېستورانىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پېچەتلىنىپ، ئۇنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى شۇنداقلا يەنە بۇ رېستوراننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شېرىكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئىدى. رادىيومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ رېستوراننى تاقاشتا ئۇنىڭ قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزەك ۋە نەقىشلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەلىرىنى ئويغىتىش ھەمدە تەرغىب قىلىش رولى بار دېگەننى باھانە قىلغان.
كېرەم مامۇت ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ «جەنۇبىي خىتاي سەھىرى» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى ئايدا كېرەم مامۇتنىڭ ئايالى بىر دوستى ئارقىلىق يولدىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مال-مۈلكىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. بۇندىن سىرت يەنە، كېرەم مامۇتنىڭ ئوغلى سەمى كېرەممۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پېيىغا چۈشۈپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن»، دەپ قارىماقتا.
نۆۋەتتە شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كېرەم مامۇت ئۇنىڭ داۋاسى ھەققىدە بىر قارار بېرىلگۈچە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلماقتىكەن.
