ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى يەكشەنبە كۈنى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇرغا يېتىپ كېلىپ، بۇ دۆلەتنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە جون كېررىنىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن موڭغۇلىيە خەلقلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەنە موڭغۇل خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نادام مەدەنىيەت-تەنھەرىكەت بايرىمىغا قاتنىشىپ، موڭغۇللارنىڭ چېلىش ، ئات بەيگىسى ،ئوقيا ئېتىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى كۆرگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، كېررى پارىژدىن ئۇلانباتۇرغا كەلگەن . كېررى بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى موڭغۇلىيەنى « دېموكراتىيە بوستانلىقى» دەپ تەرىپلىگەن.
ئامېرىكا بىلەن موڭغۇلىيە 1987-يىلى دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى.
2011-يىلى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلغان .
كېررى موڭغۇلىيە ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىشلار ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ ئۇلان-باتۇردىن ئايرىلىپ، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگىغا قاتناشماقچى ۋە خىتاي تەرەپ بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ۋە باشقىلار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.
