شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 27-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 2020-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەردىن 2 مىڭ نەپەر كەسپىي تېخنىك خادىم تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تەربىيىلەش تۈرىگە كىرگۈزۈلىدىغان خادىملار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش 13 «مىللەت» تىن تاللىنىدىكەن. نامزاتلارنىڭ 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى شەرت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت خىمىيەسى، كان بايلىقلىرىنى قىدىرىش، قاتناش-ترانسىپورت ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىنىدىكەن.
تەربىيىلەش جەريانىدا ئۇلار نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن سىرت، يەنە ئۇنىۋېرسىتېت، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانا ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا بىر يىلدىن ئارتۇق پراكتىكا قىلىدىكەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا تورى ئارقىلىق ئىنگلىزچە تارقاتقان مەزكۇر خەۋىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى شۇنىڭدەك مۇھىت ئاسراشقا دائىر يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپىي ساھەلەرگە «ئاز سانلىق مىللەت» ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقى داۋراڭ قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مەزكۇر خەۋەرنى داۋراڭ قىلىشتىكى چىقىش نۇقتىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت خىمىيەسى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىن ئىزچىل تۈردە چەتتە قالدۇرۇلغان ئىكەن. ئۇلار، يۈزمىڭلىغان خىتايلار جەلپ قىلىنغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىتلىك ۋە كانچىلىق ساھەلىرىگە 2 مىڭ نەپەر يەرلىك مىللەتتىن بولغان كەسپىي تېخنىك خادىمنىڭ تەربىيەلىنىشى «دېڭىزغا بىر تامچە سۇ قوشۇلغاندەك» لا بىر ئىش. بۇ، تېخنىك خادىملارنىڭ قىسلىقىدىن ياكى ئەمگەك كۈچىگە بولغان تەلەپنىڭ تەقەززاسىدىن بولماستىن، بەلكى سىياسىي ئېھتىياجنىڭ قىستىشىدىن بولغان، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.