كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 27 - فېۋرال خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينى ھۆكۈمەت «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرمىسە، رەت قىلىشقا چاقىردى.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنى كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا ئېچىلىدۇ.
«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يىغىننىڭ ئەڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، قانۇن لايىھەسىنىڭ مەۋجۇت ھالىتى «جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغدايدىغان ئەقەللىي قانۇنىي كاپالەت يوق، بۇرۇن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان ئەھۋالدا، بۇزغۇنچىلىقنى قانۇنلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى بۇزغۇنچىلىققا يول ئاچىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئوچۇق خەتتە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقنىڭ پۈتۈن خىتايدا بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق. بۇ رايون تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە سىياسىي زوراۋانلىقنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئوچۇق خەتتە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قانۇندا تېررورلۇق ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك شەرھلىنىپ، تىنچ ئۆكتىچىلەرنىڭ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بۇ قانۇن بىلەن جازالىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىلگەن. ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنى ب د ت نىڭ پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىنى تېزرەك تەستىقلاشقا، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ سايلام ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.