كىشىلىك ھوقۇقبى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت باش كاتىپى ئانتونى گۇتېررېسنىڭ شىنجاڭدا يىراقتىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قوللىشىنى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە شىنجاڭغا كىرىشكە يول قويۇلسۇن ياكى قويۇلمىسۇن، چوقۇم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، «گۇتېررېس بېيجىڭنىڭ سۆرەلمىلىك قىلىپ ۋاقىتنى كېچىكتۈرىشىگە قارىتا بىر قەدەم ئىلگىرلەپ، باچىلېتنىڭ يىراقتىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك» ئىكەن.
بۇ تەلەپنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ب د ت ئىشلىرى دېرىكتورى لۇئىس شاربونې ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى بۇ تەشكلىلاتنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. لۇئىس شاربونې «ب د ت باش كاتىپى شىنجاڭدا يىراقتىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قوللىشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە «خىتاي ھەمكارلاشمىغان تەقدىردىمۇ، خۇددى شىمالى كورىيە ۋە بېرمادىكى باستۇرۇشلارنى تەكشۈرگەندىكىدەك، شىنجاڭ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭمۇ ئەتراپلىق ۋە ئىشەنچىلىك بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
لۇئىس شاربونېنىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىگە ئائىت خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە تاراتقۇلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دەلىللەر بار» ئىكەن. ئۇ ئانتونى گۇتېررېسنىڭ كانادا CBC قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «خىتاينى شىنجاڭدىكى خورلاشنى توختىتىشقا چاقىرىپ باقمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
