خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىتابپۇرۇش گۇي مىنخەينىڭ قويۇۋېتىلىشى تەلەپ قىلىندى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىر يىل ئاۋۋال تايلاندتىن يوشۇرۇن تۇتۇپ كېتىلگەن كىتابپۇرۇش گۇي مىنخەينى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى.

گۇي مىنخەي 2015-يىلى 17-ئۆكتەبىر كۈنى تايلاندتا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن. كېيىن خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ ئەسلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تايلاندتا مەخپىي ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

گۇي مىنخەي شىۋېتسىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇ خوڭكوڭدىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى يۈزى ئاشكارىلانغان كىتاب-ژۇرناللارنى نەشر قىلىش بىلەن تونۇلغان كىتابخانىنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىتابخانىنىڭ گۇي مىنخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر خادىمىنى ئۆتكەن يىل يوشۇرۇن قولغا ئېلىپ بېيجىڭغا ئەپ كەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە بۇ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەققىدە ئوچۇق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر شىۋېتسىيەلىك دىپلوماتلارنىڭ ئىككى قېتىم گۇي مىنخەي بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلغان. ئەمما ھازىرغىچە مەيلى ئۇنىڭ ئائىلىسى ياكى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە زادى ئۇنىڭ نېمە جىنايەت بىلەن رەسمىي ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئېنىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنىنىمۇ ئېيتىپ بەرمىگەن.