جەنۇبى كورېيەنىڭ مۇھاپىزەتچى پاراخوتى خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىگە قارىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقارغان

جەنۇبى كورېيەنىڭ دېڭىز مۇھاپىزەتچىلىرى تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا خىتاينىڭ 44 دانە بېلىقچى كېمىسىنىڭ جەنۇبىي كورېيە دېڭىز تېررىتورىيەسىگە ئۈسۈپ كىرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبى كورېيەنىڭ دېڭىز چارلاش قىسمى خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىگە ئارا-ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقان.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە تەرەپ خىتاي كېمىلىرى تولۇق چېكىنگەنگە قەدەر جەمئىي 239 پاي ئوق ئاتقان. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بىز جەنۇبى كورېيەنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق يوسۇندا ھەل قىلىشىنى، يەنى قانۇن ئىجرا قىلغاندا ئاۋامنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق تەدبىر قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

جەنۇبى كورېيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، كورېيە دېڭىز مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ كورېيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرىپ، ئېغىر ھالدا قانۇنسىزلىق قىلغانلارغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىر قوللانغانلىقىنى، قورال ئىشلىتىشتە قانۇنىي دائىرىدىن ھالقىمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشراق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. شۇ قېتىملىق ۋەقەدە خىتاي بېلىقچىلىرىدىن ئۈچ كىشى ئۆلگەن.