خىتاي خوتەندىكى قۇرۇمقاش شەھىرىنى رايوننىڭ ئەڭ چوڭ كۈنتاختا ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.09

خىتاي دۆلەت كابىنېتى تەرىپىدىن 2016-يىلى 2-ئايدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» گە قاراشلىق رەسمىي شەھەر قىلىپ قۇرۇش چىقىش قارار قىلىنغان خوتەندىكى قۇرۇمقاش شەھىرى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى مۇھىم كۈنتاختا ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانغان.

بىڭتۈەنگە قاراشلىق بۇ شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ 2017-يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى باشقا تۈركى مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىشتىن نەق بىر يىل ئاۋۋال تەستىقلانغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقتىكى خوتەن، چوڭ تۇتقۇننىڭ ئەڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتكە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-2018-يىللىرىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ازايىپ كەتكەنىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بىڭتۈەن 14-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق قۇرۇمقاش شەھىرى كەڭ كەتكەن كۈنتاختا مەيدانلىرى بىلەن قاپلانماقتا ئىكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 6-سېنتەبىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى رەسىملىك خەۋىرىدە، «بۈيۈك تاڭ قۇرۇمقاش پاكىز ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۆزىلا قۇرۇمقاش شەھرىدە بىر مىليون كىلوۋاتلىق كۈنتاختا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە قۇرۇمشان شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتاي كۈنتاختا ئېنېرگىيە شىركەتلىرى، خىتاينىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرىدىن كەڭ بەھرىمەن بولماقتا ئىكەن.

بۇ جايدىكى «قۇرۇمقاش كۈنتاختا ئېلېكتىر تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» مەسئۇللىرىنىڭ ئىلگىرى «تەڭرى تاغ تورى» غا ئېيتقان سۆزلىرىدىن قارىغاندا، بۇ شىركەتلەر كۈنتاختا بازىسى قۇرۇشتا مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشتەك بېسىمغا دۇچ كەلسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ باج سىياسىتى ئۇلارغا ياردەم قولىنى سوزغان. نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرى دۇنيا بازىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، دەپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ خوتەندە يېشىل ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا خوتەننىڭ قارار قۇرۇم رايونىدىكى ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىر مىس-زىنك كانىنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى ساتقان. خىتاينىڭ قۇرۇمقاشتا كەڭ كۆلەملىك كۈنتاختا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشىمۇ ئۇنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.