گۈلخۇمارنىڭ ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى زور قوللاشقا ئېرىشمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىۋاتقاندا فىرانسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق گۇلخۇمار لاگېرغا قامالغان ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر ساھە كىشىلىرىدىن شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن جىددىي ياردەم تىلەپ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرمەكتە.

ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇلخۇمار 2004-يىلى 14 يېشىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ فىرانسىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلار كېيىنچە فىرانسىيە پۇقرالىقىنى ئالغان بولسىمۇ، گۈلخۇمارنىڭ ئانىسى گۈلباھار خانىم ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇرۇشقا قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ «يېشىل كارتا» سىنى ئالغان ھەمدە ئۆزىنىڭ خىتاي پۇقرالىقىنى ساقلاپ قالغان. 2016-يىلى گۈلباھار خانىم پېنسىيە مائاشىغا مۇناسىۋەتلىك جەدۋەللەرگە ئىمزا قويۇش ھەققىدىكى تېلېفون ئۇقتۇرۇشىنى ئالغاندىن كېيىن ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا ئۇچقان. ئەمما بېيجىڭ ئايرودرومىدا گۈلباھار خانىمنىڭ قولىدىكى خىتاي پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغان. ئۇ جەدۋەللەرگە قول قويۇش ئۈچۈن ئەسلى ئىدارىسىگە
بارغاندا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بولغان.

گۇلخۇمار كېيىنچە ۋەتەندىكى ھاممىسى ۋە باشقا كىشىلەردىن ئانىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. 2017-يىلى ئۇ كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئانىسى قامالغان لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ ئايالدىن ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشقا بارغان. ئانىسىنى تونۇيدىغان ھەمدە ئانىسى بىلەن بىر لاگېردا تۇرغان، يەنە كېلىپ 2016-يىلى ئانىسى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئايالنى ئىزدەپ تاپقاندا ئۇ ئايالنىڭ ئاللىقاچان نېرۋىسىدىن كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كۈن بويى دېرىزە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە توختىماي سۆزلەيدىغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈيلەيدىغان خىتايچە ناخشىلارنى غىڭشىيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن. ئانىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغاندىن كېيىن گۇلخۇمار ئانىسى ئۈچۈن ئۆزى كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىغان.

گۇلخۇمار شۇنىڭدىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە، مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە، شۇنىڭدەك فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئانىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ مەلۇمات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن توردا مۇراجىئەتنامە چىقارغان. ئۆتكەن ھەپتىگە قەدەر بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغانلار 450 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ھازىر بولسا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئالاقىلىشىش ھەمدە ئۇنىڭدىن ئانىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ياخشى ئادەملا بولسا ھەممىسى ھازىر لاگېرغا قامىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ياخشى ئادەملەرنى ھۆكۈمەتكە پاش قىلىش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۆز خەلقىدىن ئۆزى ئاشۇ دەرىجىدە قورقىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان،» دېگەن.