قازاق لاگېر شاھىتى ئېرباقىت ئوتارباي ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق قازاق لاگېر شاھىتى ئېرباقىت ئوتارباي، ئەنگلىيەنىڭ «شىنجاڭ پاختا» مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قارىتا ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن. ئەنگلىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە سۆرەلمىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئېرباقىت ئوتارباينىڭ ئادۋوكاتى پائۇل كونرات، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇۋاپىق بولمىغان قانۇنلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشى كىشىنى «غەزەپلەندۈرىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا يەنە ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى سىر دونكان سىمىت، ئەنگلىيەنىڭ بۇ جەھەتتە «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئېرباقىت ئوتارباي 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر خىتاي كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قازاقىستانغا چىقىپ، ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيەدە ئېچىلغان لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. «ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئېرباقىت ئوتارباي ئىلگىرى ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى كېمى بادىنوكقا خەت يېزىپ، ئەنگلىيەنىڭ رايوندىن ئىمپورت قىلىنغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويماسلىقتەك كەمچىلىكىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ئەركىن دۆلەتتە بولغانلىقىم ئۈچۈن تەلەيلىك. بىراق مەن ئارقامدا قالغان كىشىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. ئۇلارغا نېمە بولغانلىقى، قانداق دەھشەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلمەيمەن.»

ئېرباقىت ئوتارباي 2017-يىلى ئىسلام دىنىغا ئائىت قانۇنسىز ۋىدېئو كۆرۈش، تېلېفونىغا ۋاتسئاپ يۇمتالىنى قاچىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇتقۇندا ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېتىم «كويزا-كىشەن سېلىنىپ، ھوشىدىن كەتكىچە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان» بولۇپ، ئۇ «تېزرەك ئۆلۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلغان».

ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئ‍ېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى ھازىرغىچە چەكلىمىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.