ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىزچىل كېڭىيىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك ئىمزاسىدا 1-فېۋرالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى كۆپ قېتىم سىناقتىن ئۆتكۈزگەن ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەپسىلىي شەرھلەندى.
ۋاشىنگتوندىكى «جېيمىس تاۋن فوندى» باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي قىسقىچە خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا ساراھ كۇك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلاردا ئۆز ئەينەن تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق ئانالىز ۋە جانلىق مىساللار بىلەن بايان قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتا خېبېي ئۆلكىسىدىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى بويىچە ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن چېن چۇەنگو، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىنچە ئەنخۇي ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىدىن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەمدە ئۇلارنى «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» جەھەتتە زور خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن سۇن جىنلوڭ قاتارلىق ئىككى كىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارى سالاھىيىتىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى خۇددى شۇ ئۇسۇلدا تۇتقۇن قىلىش ۋە «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپ قېتىم سىناق قىلغان زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تۇتقۇنلار جىسمانىي جەھەتتە قىيناش، تۇتقۇنلار خالىمىغان يېمەكلىكلەرنى مەجبۇرىي يېگۈزۈش، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە قارشى مەزمۇندىكى تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلاش دېگەنلەر ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىجرا بولماقتا ئىكەن.
ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى تازىلاشتا قوللىنىلغان سىياسەتلەر ۋە تەدبىرلەر، شۇنىڭدەك بۇ «كۈرەش» كە قاتناشقا شەخسلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش» خىزمىتىگە قويۇلماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى ھازىر خىتاينىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان فۇ جېڭخۇا بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى باشقۇرۇش ھەمدە لاگېرلارغا سەرپ قىلىنىۋاتقان بارلىق خىراجەتنى تەمىن ئېتىشكە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولماقتا ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا «مەركەزدىكى 610 ئىشخانىسى» نىڭ مۇدىرى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان فۇ جېڭخۇا تۇتقۇن قىلىنغان فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» جەھەتتە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن شەخس ئىكەن. دەل ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا، يەنى 2015-يىلى فۇ جېڭخۇا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى» تەركىبىدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىكەن.
ئاپتور ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان بۇ خىل «تەربىيەلەش» ئۇسۇلىنىڭ خىتايدا 20 يىللىق سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى، بۇنى ھارغىچە سىناق قىلغان شەخسلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئالىي ھوقۇقنى كونترول قىلىۋاتقان شەخسلەر ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە ئاشۇ ئۇسۇللار ۋە شەخسلەرنىڭ ئاقىۋەتتە فالۇنگوڭ ئىدىيەسىنى يوقىتىۋېتىشكە قادىر بولالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
