خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى خىتاينىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ساقچىلىرىغا ئىشلەپ، 2018-يىلى قازاقىستانغا قېچىپ چىققان قازاق پۇقراسى بايمۇراتنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنى «يالغانچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ يىل 39 ياشلىق بايمۇرات گۇچۇڭلۇق بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بۇ ناھىيەدىكى خىتاي ج خ ئورگانلىرىغا ئىشلىگەن. ئۆتكەن يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان بايمۇرات يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇچۇڭدىكى لاگېردا كۆرگەنلىرىنى ۋە قازاقىستانغا دېچىپ كېتىش سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. «نيۇ يورك ۋاقتى» نىڭ 2-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 39 ياشلىق بايمۇرات 2017-يىلى گۇچۇڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرىپ، يول ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەكشۈرۈش بولۇپ، بىر كۈنى دائىرىلەر ئۇنىڭغا قولى كويزىلانغان 600 كىشىنى گۇچۇڭدىكى يېڭى سېلىنغان بىر لاگېرغا ياللاپ ئاپىرىش ۋەزىپىسى بەرگەن.
ئۇنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە بايمۇراتنىڭ قازاقىستانغا قېچىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۇيەردە كۆرگەنلىرى بايمۇراتنى قاتتىق چۆچۈتكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر تۈرمە ئىكەن. ئۇ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇنىڭ بۇ ئورۇندا بىر تونۇشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تونۇيالماي قالغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ بەك ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېرنىڭ «ھەممە يېرىدە كامېرا بولۇپ، ئەگەر تۇتقۇنلار خۇشال كۆرۈنمەس بالاغا قالىدىكەن.»
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ ئۇيەردىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، «بۇنىڭدا مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم باردەك ھېس قىلدىم. چۈنكى، بەك كۆپ كىشى بۇ لاگېرلاردا ئىزتىراپ چېكىۋاتىدۇ» دېگەن. لېكىن، «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ بايمۇراتنىڭ گۇچۇڭدا ئامانلىق خىزمىتى ئىشلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ساقچىدا ئەمەس، بىر بازارنىڭ ئامانلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ «ھەممىسى يالغان» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن خەلقئارانىڭ بۇ ئورۇنلاردا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
