ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جېيمىس لېيبولد، ئۇزۇن ھەجىملىك بىر تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى تەڭسىزلىك ۋە ئىشەنچىسىزلىكنى ھەل قىلىش ئورنىغا ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مەركەزلەشتۈرۈشى ئاخىرى ئۇنىڭغا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېيمىس لېيبولد ماقالىسىدە خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشقا ئۆزگىرىشى ۋە بۇنىڭدا ھالقىلىق رول ئوينىغان مەزكۇر رايوندىكى ئورگان ۋە شەخسلەر ھەققىدە ئەتراپلىق ئانالىز ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ «ئەنسىزلىك ۋەسۋەسىسى: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش ئىستراتېگىيەسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، كومپارتىيەنىڭ مۇقىمسىزلىق ۋە پارچىلىنىپ كېتىش مەسىلىسىدىكى مەنتىقسىز ئەندىشىسى ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ھازىرقى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيەنى يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان. ماقالىدە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئېتنىك زىددىيەتلەرگە قاراپ، مىللەتلەرنىڭ چەك-چېگرالىرىنى يوقىتىش زۆرۈر، دېگەن تونۇشقا كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ھازىرقى يولنى تۇتۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ، رايوندىكى يەرلىك خىتاي ئەمەلدار ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
جېيمىس لېيبولد ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشنىڭ 2014-يىلدىن باشلانغان بولسىمۇ، ھازىرقىدەك كەڭ كۆلەملىك بولمىغانلىقىنى، پەقەت 2014-يىلى يۈز بەرگەن بىر قاتارلىق ھۇجۇملار بۇنىڭ ھازىرقى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىنى تېزلەتكەنلىكىنى، كومپارتىيەنىڭ 2017-يىلى 2-ئايدا يۈز بەرگەن «گۇما ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، ھازىرقى ئىستراتېگىيەنى ئىجرا قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇقىملىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پەرقلىق خاھىشلارنى «جىنايەت»، دەپ قارىشى ئۇنىڭدا بىر خىل خاتا بىخەتەرلىك تونۇشى پەيدا قىلغان. جېيمىس لېيبولدنىڭ قارىشىچە، كومپارتىيەنىڭ دىققىتىنى «شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى مەۋجۇت چوڭقۇر تەڭسىزلىك ۋە ئىشەنچسىزلىكنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مەركەزلەشتۈرۈشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھەر خىل ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي گەۋدىسىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا ئىكەن.
