دۇنيادىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

تۈنۈگۈن، يەنى 12‏-مارت كۈنى ئامېرىكانىڭ كولومبىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ LSE ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر، ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن قاتارلىقلار دوكلات بەرگەن.

پائالىيەتچى تاھىر ئىمىننىڭ بايان قىلىشىچە، دەررەن بايلېر دوكلاتىدا لاگېرلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئامىللار شۇنداقلا خىتاينىڭ «تېررورلۇق» نى باھانە قىلىپ تەسىس قىلغان بىر يۈرۈش بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان.

زۇبەيرە شەمشىدىن تۇتقۇندىكى زىيالىيلار توغرىسىدا، تاھىر ئىمىن بولسا لاگېرلارنىڭ بالىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە يېتىمخانىلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

150 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان بۇ يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ قىلىنىشى كېرەكلىكى مۇزاكىرە قىلىنغان.

لوندوندىكى LSE ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا پروفېسسور راچېل ھاررىس لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ سانى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

10‏-مارت كۈنى تېكساستا ئۆتكۈزۈلگەن «تېخنىكىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى - دىكتاتورىلىق ۋە تېخنىكا» دېگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىندىمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان.

بۇ يىغىندا بۇزفېد تورىنىڭ مۇخبىرى مىگا خانىم، ئۇيغۇر پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ۋە «ئەل-جەزىرە» مۇخبىرى مەلىسسا خانىملار سۆز قىلىپ، ئالاقىدار پەن-تېخنىكا ساھەسىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا دەۋەت قىلغان.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى، چوڭ شىركەت ساھىبلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.