«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققىنىغا تېخى ئىككى ھەپتە بولغان بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان. يۇرتىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ۋە «جامال» دەپ تەخەللۇس قوللانغان بۇ كىشى، «ئامېرىكا ئاۋازى» مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى، لاگېرلارغا سولىنىشى ۋە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى بىر قاتار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
«جامال» ئايالىنىڭ چەت ئەل پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ قاتمۇ-قات تەكشۈرۈشلىرى ۋە تەستىقلىرىدىن كېيىن، پاسپورتىنى ئېلىپ چەت ئەلگە چىقالىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك يوقۇرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلىماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ پاسپورت ئالماقچى بولغان ئۇيغۇرلار بېسپ ئۆتىدىغان مۈشكۈل جەريانلارنى بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
«جامال» يەنە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى، بىر قىسىملىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېرغا كىرىپ چىققانلارنىڭ ئەسلىدىكى خىزمىتىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەلۇم بىر ئۇنۋېرسىتېتتىكى ئۆزى تونۇيدىغان ئەدەبىيات پروفېسسورى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن، مەكتەپ ھويلىسىدىكى كۆزىتىش ئۆيىدە ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئولتۇرغان ئىكەن. «جامال» يەنە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قايتىدىن قولغا ئېلىنىدىغانلىقى، ئۆزى تونۇيدىغان بىر ئۇنۋېرسىتېت لېكتورىنىڭ 2022-يىلىدىن بۇرۇن 2 قېتىم قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئەمما يېقىندا 3-قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ھازىر ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نەمە بولغانلىقىنى بىلمەيدىغدانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن 2022-يىلىدىكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى يىغىنچاقلىسام، ئۇلار قورقۇنچ بىلەن ئۈمىدسىزلىك بىرلىشىپ كەتكەن بۇ مۇھىتقا ئاخىرى كۆندى ۋە ئۇنى نورمال دەپ بىلىدىغان بولدى.»
ئۇ «جامال» دېگەن نام بىلەن «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە يەنە، 2022-يىلى مايدا ئەينى چاغدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىم ئۇيغۇر ئېلىغا بارغاندا، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ كوۋىد يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىنى قامال ئاستىغا ئالغانلىقىنى، «بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىشېل باچېلىت بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى» نى ئېيتقان.
