لاگېردىن چىققان ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋاتقان قاراڭغۇ كەلگۈسى دىققەت قوزغىماقتا

لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرگە مەلۇم بولۇۋاتقاندا بىر قىسىم «تەلەيلىك» لەرنىڭ خىتايچە تىل ئۆتكىلى ۋە «شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش» ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ، ئائىلىسىگە قايتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ خىل ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ھەمدە كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشى بىر قاتار يېڭى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىماقتا.

تونۇلغان تور يازغۇچىسى رۇس ئىنگرام «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ماقالىسىدە لاگېردىن چىققان ۋە چىقمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاباھەتلىك كەلگۈسى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ سابىق ئۇيغۇر دوستلىرىدىن بىرى لاگېردىن چىققاندىن كېيىنكى سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار بېتىدە ئېلان قىلغان. ئاپتور ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھالىتى روھىي جەھەتتىن يەنجىلىپ كەتكەن ھەمدە قېرىلىق يەتكەن قىياپىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىغانلىقىنى بايقىغان. ئارقىدىن ئۇنىڭ دوستى ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتنى چىقارغان. ساۋاتسىز، شۇنداقلا بېشىدىكى رومالنى ھېچقاچان ئېلىپ باقمىغان بۇ ئۇيغۇر موماي ئەمدىلىكتە قىرقىم چاچ قويغان، يالاڭۋاش ھەمدە قىسقا يوپكا كىيگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان. يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان يەنە بىر ئۇيغۇر دوستى ئۆزىنىڭ مۇددەتتىن بالدۇر قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ئىزھار قىلغان. ئەمما سۈرەتتىن ئۇنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 20 كىلوگرام ئورۇقلاپ كەتكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرغان.

ئاپتورنى ئىلگىرى ئۈندىدار ھېسابىدىن يۇيۇۋەتكەن كونا دوستلىرى ھازىر ئۇنى قايتىدىن قوشۇۋالغان ھەمدە «نى خاۋ» دېگەن شەكىلدە سالام يوللىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» ياكى «سالام» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمىگەن. يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەر «ۋەتەنپەرۋەرلىك» ئىدىيەسى بىلەن سۇغۇرۇلغان قىسقا فىلىملارنى، ناخشىلارنى، كومپارتىيەنىڭ شوئارلىرىنى ئۈندىدار بەتلىرىگە «تۆكمە» قىلىپ چىقىرىدىغان بولغان. ئاپتور بۇ ئەھۋالغا قاراپ «شى جىنپىڭ دەۋرى ھەقىقەتەن يېڭىچە قىياپەتتە يېتىپ كەلمەكتە» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر يېڭىۋاشتىن قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان ئۈندىدار ئەينى ۋاقىتتا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا بېرىشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولغان. ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە پاسپورت تارقىتىلغان 2015-يىلى ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋە مىسىرغا دىن ئوقۇشقا كۆپلەپ ماڭغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشكە قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن تېلېفونلىرىدىكى ئۈندىدار ھېسابىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان. بۇ بولسا ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تولۇق كۆزىتىپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولغان. چۈنكى ئۈندىدار ئارقىلىق يوللانغان بارلىق پاراڭلار، سۈرەتلەر ياكى باشقا مەلۇماتلار ئۇدۇللۇق «سۈزگۈچ» تىن ئۆتۈپ ماڭغان.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ھېلىھەم ئۈچ مىليون كىشى ئاشۇ لاگېرلاردا يېتىۋاتىدۇ. لاگېردىن چىققانلارنىڭ ھالى بۇ بولسا ئاشۇ چىقمىغان كىشىلەرنى قانداق كەلگۈسى كۈتۈۋاتىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ.