خىتاي دائىرىلىرى لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «كەسپىي تەربىيەلەش» كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە كىرىشكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىش» سالمىقىنى ئاشۇرماقچى ئىكەن.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 11‏-مارت خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «كەسپىي تەربىيەلەش» نىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان» ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىردەك «كەسپىي تەربىيەلەش» دائىرىسىگە ئېلىشنى قارار قىلغان. مەزكۇر سىياسەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مەركەزلەشكەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېيت ئۆتكەن ھەپتە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە دوكلات بېرىپ، خىتاينى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپلەۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئۇنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى پەردازلاشتىكى بىر ۋاسىتىسى خەلقئارانى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا ئىكەن

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇ لاگېرلاردا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى «كەسپىي تەربىيەلەش» ئوبيېكتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى مەركەز قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغان ئەمگەك كۈچلىرىگە ۋە يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە كېڭەيتىدىكەن.

خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ 2018‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليون 270 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق «كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ يىللىق پىلانى بىر مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.