خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە تۇيۇقسىز ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، ئۈرۈمچى، سانجى، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ ۋۇجياچۈ شەھىرى، ئالاتاۋ ۋە قورغان ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، لى چياڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» گە ئائىت نۇقتىلىق ئىككى سىگنالنى بەرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتايدىكى «سىنا خەۋەرلىرى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، لى چياڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش»، مەزكۇر رايوندا «بايلىق مەنبەسىگە تايانغان ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىگىلىك تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ھەم كېڭەيتىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى لى چياڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ رايوندا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى ئاندىن خەۋەر قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنى لى چياڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خەۋەر قىلغانلىقى نامەلۇم. لېكىن لى چياڭنىڭ رايوندا تەكشۈرۈشتە بولۇشى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 23-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ يېقىندا خىتاينى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان.
«سىنا خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، لى چياڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بولغان مەزگىلدە، «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى غەربنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشنى ئالغا سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق مەنبەسىگە تايانغان ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىگىلىك تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ھەم كېڭەيتىش؛ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان «سودا، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك جەھەتلەردىكى ئالاقىسى كۈچەيتىلىشى كېرەك» ئىكەن.
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى كېڭەيتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، دىققەت قوزغىماقتا.