ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبونىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، خىتاينى تەنقىد قىلدى
2017.07.14
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ئاتاقلىق ئۆكتىچى ليۇ شاۋبونىڭ ۋاپاتى غەرب ئەللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.
د ئۇ ق پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ليۇ شاۋبو كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ۋە شۇنداقلا دۆلەت كۈچىنىڭ شەپقەتسىز ۋە زالىملىقىغا قارشى تىركىشىشنىڭ مەڭگۈلۈك سىمۋولى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىڭ پاجىئەسى خىتاينىڭ تىنچ تەنقىدچىلەرنى باستۇرۇش، ئۆكتىچىلەرگە ۋەھىمە سېلىش ۋە شۇنداقلا قانداق ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقىلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە دائىر زۆرۈر دىئالوگلارنى داۋاملىق بوغۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئادالەتسىز تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېسەلنى داۋالاشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە يول ئاچقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ليۇ شاۋبونىڭ ۋاپاتى يەنە ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تېللىرسون، پەيشەنبە كۈنى ليۇ شاۋبونىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «خىتايدا تىنچ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن تۈرمىگە قامىلىپ، ۋاپات بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەىد رااد ئەل ھۈسەيىن، «دۇنيا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كىشىلىك ھوقۇق، تىنچلىقنى قوغداشقا ۋە ئىزچىللىققا ئاتىغان، ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان، پرىنسىپال بىر چېمپىيوندىن ئايرىلدى» دېگەن.