ما شىڭرۇي «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشنى دائىملاشتۇرۇش، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش» نى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 24-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا، «شىنجاڭدا دىققەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى دائىملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي قاتلام يېزا-كەنتلەرگە زور ساندا كادىر چۈشۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ما شىڭرۇي بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يوليورۇقىنى ئۆگىنىش» ۋە «شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش» تېمىسىدىكى مەخسۇس يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، «شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ئېغىر، يول يىراق. بۇ بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ساھە، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ سىجىل كۈچىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە ئاساسىي قاتلامغا كادىر ئەۋەتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، «قانۇن ۋە تەپتىش ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلار بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئامما ئارىسىغا چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك» دېگەن.

ما شىڭرۇينىڭ بۇ سۆزلىرى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇيغۇر رايونىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كۈچەيتىش بويىچە قارار ماقۇللىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى ھېلىھەم مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە زور تۈركۈمدە كادىر چۈشۈرۈشنى تەكىتلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق كونتروللۇق سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇپ، لاگېرلارغا ئاز دېگەندە ئىككى مىليون ئادەمنى سولاشتىن ئىلگىرى ئاتالمىش «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتكەن، خىتاي كادىرلار بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «قوشماق تۇغقان» بولۇشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.