ما شىڭرۇي خوتەن رايونىدىكى قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىشىنى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇم پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ نامرات ناھىيەلىرىدىن بولغان كېرىيە، نىيە ۋە چىرا قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «پارتىيەمىزنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن سىياسىي مۇھىتنىڭ ساغلام بولۇشىغا، مۇقىملىقنىڭ يۈكسەك سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا ئىزچىل داۋام قىلىشىغا مۇتلەق كېپىللىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ما شىڭرۇي ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ)، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنىڭدەك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرگە تولغان چوڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى مۇھىم ھۆكۈملىرى ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان سىياسىي خىزمەت تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئىجرا قىلىش» لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي قانۇن سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەرقاچان «كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرۇشى لازىملىقىنى، ئ‍اشقۇنلۇق ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى قەتئى بوشاشتۇرماسلىقنى، چوڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرماسلىقنى، داۋاملىق ھالدا مۇقىملىق خىزمىتىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇش لازىملىقىنى، شۇ ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىشىگە كېپىللىك قىلىش لازىملىقىنى» تەپسىلىي شەرھىلەپ ئۆتكەن. ئەمما بۇ جەرياندا خوتەندىكى نامراتلىق ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا غايەت زور ساندا كۆچۈرۈپ كېلىنىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئۆتكەن بەش يىللىق ئېغىر باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق جەريانىدا لاگېر سىستېمىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مىسلىسىز ئومۇملىشىشى ئىشقا ئاشقان، نەچچە مىليون ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ بولدى، دەپ قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ما شىڭرۇينىڭ داۋاملىق ھالدا «ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆستۈرۈش» ھەققىدە سۆز قىلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاتتىق يوسۇندا داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى، دەپ قارالماقتا.