يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى «ماگنېتىسكى قانۇنى» نى قوللىنىشقا چاقىرىلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارادا چوڭ تېمىلاردىن بولۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە «ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىلدى.

«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپتا يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن لۇيىزا ۋال ۋە سايمون كوننور بىرلىكتە يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جېيسىندا ئاردېرن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نانايا ماخۇتاغا «بىزنىڭ ئەمدى ‹ماگېنتىسكى قانۇنى›نى تونۇشتۇرۇشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتۇپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىققان.

مەكتۇپتا «خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ كۆپلىگەن پاكىتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك ئەمەلدارلارغا جازا ئېلان قىلىۋاتقاندا بىزنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قانۇن لايىھەسىنى قوللىنىشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ» دېيىلىدۇ.

مەكتۇپتا يەنە ئالاھىدە قىلىپ يېڭى زېلاندىيەنىڭمۇ دۇنيا دېموكراتىيەسىنى ھىمايە قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ئاشكارا ھالدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقاندا يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا قارشى قانۇن تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ.