مارالبېشىدىكى ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇت

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.04.24

خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدا «تېررورلۇق ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇت.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، توقۇنۇش 23 - ئاپرېل خىتاي ساقچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسى قىزىلبۇيا يېزىسىدىكى «قانۇنسىز پىچاق توپلىغان» دەپ قارالغان بىر دېھقاننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇشقا بارغاندا يۈز بەرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ توقۇنۇشتا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ساقچى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 10 ئۇيغۇر بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، توقۇنۇش جەريانىدا ۋەقە تۇغدۇرغانلاردىن 6 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 8 كىشى قولغا ئېلىنغان. ھالبۇكى، دائىرىلەر بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارىلىمىغان.

ھازىرغىچە بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋەقەنىڭ ئىككى خىل ۋارىيانتى بار. بۇنىڭ بىرىسىدە: ۋەقە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈزىدىكى چۈمبەلنى مەجبۇرىي ئېلىۋەتمەكچى بولغاندا كېلىپ چىققان.

يەنە بىرسىدە: ۋەقە يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئىشلەيدىغان ئىككى خەق ئەسكىرى ئائىلىسى ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان.

خىتاي مەزكۇر ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى يوشۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.