ماركو رۇبىيو: «سۈكۈت قىلىش ھەرگىزمۇ تاللاش ئەمەس»

9-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» سىمون-سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى «بىزنى ئاستا-ئاستا يوقاتماقچى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» سەرلەۋھلىك بىر دوكلات ئىلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىگە دائىر ئىشەنچلىك پاكىتلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

دوكلات ئېلان قىلنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتى قايتىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا يۆتكەلدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغانلىقىدەك بۇ مۇھىم قارار يەنە بىر قېتىم خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە كەلدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى «پۇقرالار بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق» كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇزرا زەيا خانىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھىسابىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنڭ مەزكۇر دوكلاتقا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيى› تەييارلىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى دوكلاتىنى قارشى ئالىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باستۇرۇشلارنى دەرھال توختىتىپ، ناھەق قولغا ئېلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان كۈنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئامېرىكا كىڭىش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو سۆز قىلغان بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقاتقان. ماركو رۇبىيو مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە مۇنداق دېگەن: «دەل مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ۋەھشىيلىكلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. سۈكۈت قىلىش ھەرگىزمۇ تاللاش ئەمەس.»

يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيىنىڭ سىمون-سكجود مەركىزى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار، تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنى مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ 59 بەتلىك دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان.