1-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىق كۈنىدۇر. شۇ كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي دۆلەت ئىچىدە ۋە چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىدا داغدۇغۇلۇق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ۋە ئاممىۋىي مەيدانلاردا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ب د ت نى ۋە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئەمەلىي ھەرىكەتنى قوللىنىشقا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 73 يىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.
ئامېرىكادىكى نامايىش نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي ئالدىدا ئۆتكۈلگەن. ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى نامايىشتا كىشىلەر «ب د ت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇشنى توختاتسۇن»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەكشۈرۈلسۇن» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ شۇئار توۋلىغان. بۇ نامايىش خىتايغا قارشى «يەر شارى ھەرىكەت كۈنى: خىتايغا تىرەجەش» ناملىق خەلقئارا ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتا بۇ نامايىش يەنە ئەنگىلىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن. لوندوندىكى نامايىش لوندون شەھەر مەركىزىدىن باشلىنىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن. كانادادىكى نامايىش تورونتو، ۋانكوۋېر، كالگارى قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن. ۋانكوۋېردىكى نامايشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر، ۋېيتناملىقلار، فىلىپپىنلىقلار ۋە ھىندىستانلىقلارمۇ قاتناشقان. تۈركىيەدىكى نامايىش ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 500-600 دەك كىشى قاتناشقان بۇ نامايىشتا «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەن شۇئارلار توۋلانغان.
خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خەلقئارالىق زور نامايىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ ھەپتە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇدىغان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.
