مايك پەنس، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «يىرگىنچلىك» دىنىي باستۇرۇشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئامېرىكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «يىرگىنچلىك» باستۇرۇشىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مايك پەنس ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى.

ئۇ 30‏-مارت كۈنى فلورىدا شتاتىدىكى «ئېۋى مارىيا ئۇنىۋېرسىتېتى» دا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «دىنىي باستۇرۇش دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەت-خىتايدا بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى خىتاينى 1999-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ‹دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى دۆلەت› دەپ بېكىتىپ كەلدى. بىز بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان پەيتلەردە بېيجىڭ خىتاينىڭ غەربىدە بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› دا تۇتۇپ تۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى خرىستىئان ‹ئىنجىل› لىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىدى، ئۇلار يەنە مىڭلىغان كرېست ۋە باشقا چېركاۋ سىمۋوللىرىنى ۋەيران قىلدى ھەمدە پوپلارنى تۈرمىگە تاشلىدى. ھەتتا ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنى تەقىب قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيە ئارقىلىق زور كۆلەملىك كۆزىتىش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى».

مايك پەنسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە قاتتىق مەيداندا تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ «يىرگىنچلىك» قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىشكە قايىل قىلىشقا تىرىشىدىكەن. مايك پەنس بۇ سۆزلەرنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى چىقىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلدى.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 31‏-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىنقى ھەپتىلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئۈندىگەن.

خەۋەردە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرىغا تارقاتقان بىر ماتېرىيالى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مەزكۇر ماتېرىيالدا رايوندىكى لاگېرلارنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەر ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ 5 تۈپ نىشانى تىلغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 5 تۈپ نىشانى «خەلقئارا تەنقىدنى توسۇپ ۋە پارچىلاپ»، «مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرنىڭ خەلقئارا ئاۋازىنى ئاجىزلىتىش» نى، «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.