خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قارايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات يۇرتى - «شىنجاڭ ۋېنبويۈەن» (ئىلگىرىكى نامى «كۈسەن تەتقىقات يۇرتى»)، شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر رايونىغا سىڭدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى باشلىغان.
بۇ سۈرەتلىك خەۋەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ ئورۇن بۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش خىزمىتىنى «سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچ» قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىن «خىتاينىڭ تارىخىي ئىزلىرى»نى تېپىپ، بۇ يادىكارلىقلارنى «جانلىق ئىسپات» قىلىپ، 20-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزماقچى ئىكەن.
مەزكۇر ئورۇندىكى بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىن «خەن، تاڭ دەۋرىدىكى قالدۇقلارنى تېپىپ تەتقىق قىلىش»نى، شۇنداقلا «ھەر مىللەتنىڭ بۇ رايونىدا بىللە ياشاپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى»نى ئىسپاتلاشنى ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭنى تۈزەش» خىزمىتى بىلەن بىردەك ئېلىپ بارىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ۋېنبويۈەن» نامىدىكى بۇ ئورۇنغا ئون مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاتالمىش خىتاي مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە خىتاي ھېكايىلىرىنى سۆزلەشنى بىللە ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەتنى يەنە مۇزېي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى يەنە خىتايدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارقىلىقمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى قۇربان ۋەلى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئايرىم مەدەنىيەتكە ۋە مۇستەقىللىق تارىخىغا ئىگە زېمىن ئىكەنلىكىنى، مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، تارىخىي ئېڭىنى يوقىتىش ئۈچۈن ساختا تارىخ ئويدۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
