ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر ۋە بۇ كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىجاندىرو مايوركاس (Alijandro Mayorkas) قا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
22-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى دوكلاتلاردا خىتاينىڭ بەزى شىركەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرمىگەنلىكى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەت يولى بىلەن ياكى تۆۋەن باھا چەكلىمىسى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا كىرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان؛ بۇ ئەھۋاللار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تولۇق ئىجرا قىلىشتا بوشلۇق ھەم يوچۇق پەيدا قىلغان.
مايك گالىگېر قاتارلىقلار يوللىغان خەتتە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە ئېلىش، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دا چەكلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىش، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق فېدراتسىيە ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جازا بېرىشنى قولايلاشتۇرۇش، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئەمەلدارنى تەيىنلەش، بەزى ماللارغا تۆۋەن باھا چەكلىمىسى قويۇشنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش چاقىرىق قىلىنغان.